نىگېرىيەدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 35 كىشى قازا قىلدى

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەنىڭ زامفارا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 35 كىشى قازا قىلدى ۋە نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.

1673093
نىگېرىيەدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 35 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زامفارا ساقچى باياناتچىسى مۇھەممەد شېخۇ قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئۆلكىنىڭ مارادۇن رايونىدا ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇھەممەد شېخۇ ھۇجۇمدا 35 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇمدا 39 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

رايوندىكى يەرلىك بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ 7 - ئىيۇلدا قوراللىق ئۇنسۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىدە ئىككى شايكا ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر