كابۇلدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا ئىككى كىشى قازا قىلدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا ئىككى كىشى قازا قىلدى.

1673088
كابۇلدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا ئىككى كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كابۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى فىردەۋس فارامارز ئاخباراتقا بەرگەن باياناتىدا، كابۇلنىڭ كارتە-نېۋ رايونىدا بىر ئۆي-مۈلۈك ئىشخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتىلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىردەۋس فارامارز ھۇجۇمدا 2 پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 4 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە  ھېچكىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.

تەخمىنەن 3 ئايدىن بېرى مەملىكەت مىقياسىدا يۇز بېرىۋاتقان بومبا ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە جاۋابكارلىقنى ھېچ كىشى ئۆز ئۈستىگە ئالماي كەلمەكتە.

ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسى ئېنىقسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلارمۇ داۋاملاشماقتا.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، تالىبان 407 ناھىيەنىڭ  150 دىن كۆپرەكىنى (ناھىيە مەركەزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا)  ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغان.

تالىبان بولسا، ئۆز كونتروللۇقىغا ئۆتكەن ناھىيە مەركەزلىرى سانىنىڭ 205 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر