بايدىن: ئافغانىستاندىكى ھەربىي ۋەزىپىمىز 31 - ئاۋغۇستتا ئاخىرلىشىدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن دۆلىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ۋەزىپىسىنىڭ 31-ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1672423
بايدىن: ئافغانىستاندىكى ھەربىي ۋەزىپىمىز 31 - ئاۋغۇستتا ئاخىرلىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دۆلىتىنىڭ ئافغانىستاننى دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىشغال قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.

بايدىن، ئافغانىستانغا 11- سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارلىرى ۋە ئۇسامە بىن لادىننى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن كىرگەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ئافغانىستاندىكى ۋەزىپىمىز 31 – ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدۇ. تالىبان ھەربىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، 2001 – يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئۇ يەردە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان بولساق، ئەسكەرلىرىمىز تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولاتتى» دېدى.

چېكىنىش قارارىنى ئاقلىغان ۋە 20 يىللىق ئىشغالىيەتتىن كېيىن ئافغانىستاندا تۇرۇۋېرىشنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بايدىن: «سىلەر يەنە قانچە مىڭ ئامېرىكالىق قىز -  ئوغۇلنى خەتەرگە ئىتتىرىشكە رازى بولىسىلەر. ئۇ يەردە يەنە قانچىلىك تۇرۇشىمىزنى خالايسىلەر؟ ھازىر ئۇ يەردە بۇنىڭدىن 20 يىل  ئىلگىرى ئاتا – ئانىسى ئافغانىستاندا جەڭ قىلغان ئەسكەرلىرىمىز بار. ئۇلارنىڭ بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرىنىمۇ ئەۋەتەمسىلەر؟ ئۆز ئوغلۇڭلار ياكى قىزىڭلارنى ئەۋەتەمسىلەر؟ ئارىدىن 20 يىل ئۆتتى، ئافغانىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە قىسىملىرىنى تەربىيەلەش ۋە قوراللاندۇرۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان بىر تىرىليون دوللار، ئۆلتۈرۈلگەن 2448 ئامېرىكالىق، يارىلانغان 20 مىڭ 722 ئەسكەر ۋە روھىي ساغلاملىقى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە جاراھەتلىنىپ يۇرتىغا قايتقان نەچچە مىڭ ئەسكەردىن كېيىنكى ھازىرقى شارائىتتا، يېڭى بىر ئەۋلادنى پەرقلىق بىرەر نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئاقىلانە بىرەر ئۈمىد بولماي تۇرۇپ ئافغانىستانغا جەڭ قىلىشقا ئەۋەتمەيمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر