بىرمادا ئارمىيە بىلەن ئېتنىڭ گۇرۇپپىلارنىڭ قوراللىق توقۇنۇشى داۋام قىلماقتا

بىرمادا ئارمىيە بىلەن ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشلاردا ئەڭ ئاز دېگەندە، 40 ئەسكەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1672498
بىرمادا ئارمىيە بىلەن ئېتنىڭ گۇرۇپپىلارنىڭ قوراللىق توقۇنۇشى داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن 5-ماي (2021) نامايىشچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان خەلق مۇداپىئە كۈچىنىڭ باياناتىدا، 2- ۋە 4-ئىيۇل ساگايىڭ رايونىدا بىرما ئارمىيەسىنىڭ پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن توقۇنۇشلارنىڭ كېلىپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، توقۇنۇشلاردا خەلق مۇداپىئە كۈچىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 40 ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە ئۈچ ھەربىي ئاپتوموبىلنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقى قەيت قىلىندى.

رايوندا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئېتنىك قوراللىق گۇرۇپپىلاردىن كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيەسىنىڭ بىرما ئارمىيەسى بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردا، خەلق مۇداپىئە كۈچىگە ياردەم قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بىرما ئارمىيەسى توقۇنۇشلاردا يۈز بەرگەن ئۆلۈم-يېتىملار توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

بىرما ئارمىيەسى 2020-يىلى 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە دۆلەت ئىچىدە سىياسىي جىددىيچىلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن كېيىن، 1-فېۋرال (2021) ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ئىدى.

بىرما ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي رەھبىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭ سان سۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن رەھبەرلەر بىلەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە مەسئۇللىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، بىر يىللىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.

بىرما ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشىگە قارشى باشلانغان نامايىشلار ۋە ئىسيانچى گۇرۇپپىلارنىڭ قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، بۈگۈنگىچە 898 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، مىڭلارچە كىشى تۇتقۇن قىلىندى.

بىرمادا كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئىزچىل ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ھەربىي سوتتا سوتلاش ئىشلىرىمۇ داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر