خىتايدا كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
خىتايدا كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن غەربىي جەنۇبتىكى چۇڭچىڭ شەھىرىدىن 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چۇڭچىڭدا ياغقان قاتتىق يامغۇر دەريالارنى تاشۇرۇپ، سۇ ئاپىتىگە سەۋەب بولدى.
يەرلىك ھۆكۈمەت چۇڭچىڭدىكى 6 دەريا سۇيىنىڭ قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سەۋىيىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
كەلكۈن ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن دەريا بويى ۋە تۆۋەن قاتلاملىق رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن. شىمالىي كورىيەنىڭ جەنۇبىدا قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن ئىككى كىشى قازا قىلىپ، 120 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى.
قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن ئۆي ۋە ئېتىزلارنى سۇ بېسىپ كەتتى. ئېلېكتىر مۇلازىمىتى ۋە پويىز مۇلازىمىتى توختاپ كەتتى.
جەمئىي 10 باغچىدىكى 287 پىيادىلەر يولى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن تاقىۋىتىلدى. 24 لىنىيەدىكى قىرىق پاراخوتتىن باشقا يەنە، گىمپو، ئۇلسان ۋە يېسۇدىن ئۇچقان 11 نۆۋەتچى ئايروپىلان توختىتىلدى.
بۈگۈن رايوندا ۋە جەنۇبتىكى دەم ئېلىش ئارىلى جېجۇدا قاتتىق يامغۇر ياغىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.