فىلىپپىندە چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاندا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشتى

فىلىپپىننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان سۇلۇ ئىشتاتىدا بىر ھەربىي ئايروپىلاننىڭ يەرگە قونۇش جەريانىدا چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ 50 كە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1670119
فىلىپپىندە چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاندا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىن ئارمىيەسى نامىدا بايانات ئېلان قىلغان گېنېرال ئېدگارد ئارېۋالو ۋەقەدە 49 كىشىنىڭ ساق قالغانلىقىنى، 47 ھەربىي خادىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بىلدۈرۈلىشىچە، مەزكۇر ئايروپىلان ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى خىزمەت ئورنىغا ئاپىرىش ئۈچۈن ئۇچقان بولۇپ، چۈشۈپ كەتكەن يېزىدىكى تۆت كىشى يارىلانغان.

ئۈچ ئۇچقۇچى، بەش ئايروپىلان خادىمى ۋە 88 ھەربىي خادىم بولۇپ جەمئىي 96 كىشى ئولتۇرغان «C-130» تىپلىق ھەربىي ئايروپىلان، تۈنۈگۈن (2021-يىلى 4-ئىيۇل) شۇ يەر ۋاقتى 11:30 ئۆتكەندە سۇلۇ ئىشتاتىغا قاراشلىق جولو ئارىلىغا قونۇش جەريانىدا ناڭكال يېزىسىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر، ئايروپىلان يەرگە چۈشۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئەسكەرلەرنىڭ ئايروپىلاندىن سەكرىگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر