فىلىپپىندا ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 17 كىشى قازا قىلدى

فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدا ھەربىي ئايروپىلان قونۇش جەريانىدا چۈشۈپ كېتىپ، ئاز دېگەندە 17 كىشى قازا قىلدى.

1669486
فىلىپپىندا ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 17 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى C-130 تىپلىق ھەربىي ئايروپىلاندا كەم دېگەندە 85 كىشى بارلىقىنى، ئايروپىلاننىڭ سۇلۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق جولو ئارىلىغا قونۇش جەريانىدا شۇ رايونغا تەۋە پاتىكۇل يېزىسى بانگال كەنتىدە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دېلفىن لورېنزانا ھازىرغا قەدەر 40 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى، ۋەقەدە كەم دېگەندە 17 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

لورېنزانا ئايروپىلاندىكىلەرنىڭ 3 ى ئۇچقۇچى ۋە 5 ى كابىنكا خادىمى، قالغانلارنىڭ بولسا ھەربىي خادىملار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال سىرىلىتو سوبېجانامۇ باياناتىدا، «ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ھايات قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن رايوندىكى خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.

ئايروپىلاننىڭ ھەربىي مەكتەپنى يېڭى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ۋەزىپە ئۆتەش ئورنىغا يۆتكەش ئۈچۈن كېتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر