ئىران 12 دۆلەتتىن كىرىشلەرنى چەكلىدى

ئىران «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ يېڭى ۋارىيانتلىرى كۆرۈلگەن 12 دۆلەتتىن كىرىشلەرنى چەكلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1668751
ئىران 12 دۆلەتتىن كىرىشلەرنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەتلىك «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش كومىتېتى، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن ۋارىيانتلىرى كۆرۈلگەن بەزى دۆلەتلەردىن ئىرانغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك كىرىشلەرنى چەكلەشنى قارارلاشتۇردى.

بۇ قارارغا ئاساسەن،  بوتسۋانا  بىرازىلىيە، ئېسۋاتىنى، ھىندىستان، ئوسۇتا، مالاۋى، موزامبىك، نېپال، جەنۇبىي ئافرىقا، ئۇرۇگۋاي، زامبىيە ۋە زىمبابۋېدىن ئىرانغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك كىرىش چەكلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر