نىگېرىيە ئارمىيەسى بوكوھارامغا ئېغىر زەربە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى
نىگېرىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا 73 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1668462
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە ئارمىيەسى مېدىيا ھەرىكەتلىرى دىرېكتورى گېنېرال بېنارد ئونيېئۇكو، ئارمىيەنىڭ 18 – ئىيۇندىن 30 – ئىيۇنغىچە بولغان جەرياندا بورنو ئۆلكىسىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 73 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، تەشكىلاتنىڭ نۇرغۇن قورال، ئوق – دورا، ئاپتوموبىل قاتارلىق لازىمەتلىكلىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
گېنېرال بېنارد ئونيېئۇكو، زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا يەنە تېررورچىلار گۆرۈگە ئېلىۋالغان 27 سى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 55 كىشىنىڭ ساق – سالامەت قۇتقۇزۇلغانلىقى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردى.