ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېرمانىيەلىك كەسپدىشى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى للويد ئاستىن بىلەن گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاننېگرېت كرامپ – كاررېنبائېر بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

1667896
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېرمانىيەلىك كەسپدىشى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى للويد ئاستىننىڭ، گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاننېگرېت كرامپ – كاررېنبائېرنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا كۈتۈۋالغانلىقى، ئىككى مىنىستىرنىڭ، گېرمانىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «مىنىستىر ئاستىن بىلەن گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاننېگرېت كرامپ – كاررېنبائېر، 4 – ئىيۇن كۈنى چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا ماقۇللانغان قارارلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى مەسىلىسىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى. ھەر ئىككى مىنىستىر، ئامېرىكا– گېرمانىيە ھەربىي ھەمكارلىقىدىن سىرت يەنە، ھىندى – تىنچ ئوكيان رايونىدا ئامېرىكا – گېرمانىيە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا بىر - بىرىگە تايىنىش، تەييارلىق خىزمىتى ئىشلەش ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر