شىمالىي كورېيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن كوۋىد – 19 يۇقۇمى مەزگىلىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن دۆلىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1668156
شىمالىي كورېيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى — KCNA، كىم جوڭئۇننىڭ خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى تەبرىكلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كىم جوڭئۇن تەبرىك تېلېگراممىسىدا، ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «شىمالىي كورېيە ئىشچىلار پارتىيەسى، خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن بولغان قويۇق ھەمكارلىقى بىلەن شىمالىي كورېيە – خىتاي دوستلۇقىنى دەۋرنىڭ تەلىپى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقى ئارزۇ قىلىۋاتقان يېڭى ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىغا يەتكۈزىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋىنبىن تۈنۈگۈنكى باياناتىدا، بېيجىڭنىڭ شىمالىي كورېيەگە ياردەم ئەۋەتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ قىيىنچىلىققا يولۇققاندا بىر – بىرىگە ياردەم قىلىش ئەنئەنىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.

باياناتچى ۋاڭ، زۆرۈر تېپىلغاندا خىتاينىڭ شىمالىي كورېيەگە ياردەم بېرىش مەسىلىسىنى ئەستايىدىل ئويلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.


خەتكۈچ: #خىتاي , #كورېيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر