رۇھانى: يۇقۇم مەزگىلىدە بىر مىليون 100 مىڭ ئىرانلىق ئىشسىز قالدى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى كوۋىد – 19 سەۋەبىدىن دۆلىتىدە 1 مىليون 100 مىڭ كىشىنىڭ ئىشسىز قالغانلىقىنى ئېيتتى.

1668186
رۇھانى: يۇقۇم مەزگىلىدە بىر مىليون 100 مىڭ ئىرانلىق ئىشسىز قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن ھەر خىل تۈرلەرنىڭ لىنتا كېسىش مۇراسىمىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ئىشتىراك قىلغان رۇھانى، مۇراسىمدىكى سۆزى جەريانىدا ئىراننىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيتىى توغرىسىدىمۇ  توختالدى.

ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن قايتىدىن يولغا قويۇلغان جازانىڭ ئىران خەلقىگە باھا ۋە پۇل پاخاللىقى جەھەتتە ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان رۇھانى: «كوۋىد -19 سەۋەبىدىن 1 مىليون 100 مىڭ ئادەم ئىشسىز قالدى. بىر مىليون ئادەمنىڭ ئىشسىز قېلىشى، مىليونلىغان كىشىلەرنى قىيىنچىلىققا دۇچار قىلىدۇ. ئىقتىسادىي ئۇرۇش، قۇرغاقچىلىق ۋە كەلكۈن خەلققە ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كەلدى» دېدى.

يۇقۇم مەزگىلىدە ئىراننىڭ جازالار سەۋەبىدىن بىر قاتار توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان رۇھانى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ماسكا تەلەپ قىلاتتۇق، ئەمما ھېچكىم بىزگە ماسكا بەرمەيتتى. ھېچكىم بىزگە سۈنئىي نەپەسلىنىش ئۈسكۈنىسى بەرمەيتتى. ترامپ دېگەن ئەخمەق <ئەگەر خالىساڭلار، سىلەرگە تۆت دانە نەپەسلىنىش ئاپپاراتى ئەۋەتەيلى> دەپ ئۇچۇر يوللىغانىدى، مەن ئۇنىڭغا <خالىساڭلار بىز سىلەرگە 40 دانە يوللايلى> دەپ جاۋاب بەردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر