ئىران كاسپىي دېڭىزىدا كەڭ كۆلەملىك مانېۋىر ئۆتكۈزدى

ئىراننىڭ دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەلىرى كاسپىي دېڭىزىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

1667594
ئىران كاسپىي دېڭىزىدا كەڭ كۆلەملىك مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كاسپىي دېڭىزىدا ئۆتكۈزۈلگەن «سىجىل بىخەتەرلىك 1400» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىرغا ئىران دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ ئايروپىلان، تىك ئۇچار ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ۋاسىتە ۋە قوراللىرى قاتناشتۇرۇلغان.

خەۋەردە، مانېۋىرنىڭ تەخمىنەن 77 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كەڭلىكتىكى كەڭ رايوندا ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدرۈلدى.

مانېۋىردا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگۈچىلەر ۋە ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش سىستېمىسىنىڭ مۇداپىئە ۋە ھۇجۇم سىنارىيەلىرىنىڭ تەقلىدىي سىناق قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر