ھىندىستان يېڭى ئەۋلاد يېتەكچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

ھىندىستان ئارمىيەسى يادرو بېشى توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە يېڭى ئەۋلاد يېتەكچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1665995
ھىندىستان يېڭى ئەۋلاد يېتەكچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەدە چىقىدىغان «‹سپۇتنىك› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئەسى تەتقىقاتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئورگىنى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان «ئاگنى پ» ناملىق يادرو بېشى توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە يېڭى ئەۋلاد يېتەكچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئەتىگەن تەرەپلەردە «بېنگال قولتۇقى» دىكى «ئابدۇلكالام ئارىلى» دا سىناق قىلىنغان.

«Agni» ناملىق  باشقۇرۇلىدىغان بومبنىڭ ياخشىلانغان نۇسخىسى بولغان يېڭى ئەۋلاد يېتەكچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، بارلىق نىشانلارغا زەربە بەرگەن.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مۇساپىسى 1000 – 2000 كىلومېتىر بولغان يېڭى ئەۋلاد يېتەكچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، يادرو بېشى توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر