مېكسىكادا باشلانغان قارا گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش داۋاملاشماقتا

تۈنۈگۈن مېكسىكانىڭ شىمالىدىكى قارا گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا ئۆلگەنلەرنىىڭ سانى 34 كە يەتتى.

1665414
مېكسىكادا باشلانغان قارا گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لا جورنادا تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مېكسىكانىڭ زاكاتېكاس ئۆلكىسىدە رەقىب گۇرۇھلار رايوننىڭ كونتروللۇقىنى تالىشىپ ئېغىر قوراللار بىلەن بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە.

ئالاقىدار مەسئۇللار توقۇنۇشنىڭ جالىسكو يېڭى ئەۋلاد قارا گۇرۇھى (CJNG) بىلەن سىنالوئا قارا گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە تۈنۈگۈندىن بۇيان ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ ئەسلىدىكى 18 دىن 34 كە كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

دۆلەت مۇھاپىزەت ئەترىتى رايونغا ئەۋەتىلگەندىن باشقا يەنە، دۆلەت تەپتىش ئەمەلدارلىرى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بىلەن ۋەقەلەرنى ھەر تەرەپلىك تەكشۈرۈشكە يوللاندى.

مېكسىكانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ زوراۋان جىنايەت تەشكىلاتى دەپمۇ بىلىنىدىغان جەلىسكو گورۇھى رايون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ كونتروللۇقىنى تالىشىپ، سىنالوئا گۇرۇھى بىلەن توقۇنۇشماقتا.

مېكسىكادا 2006-يىلى قارا گۇرۇھلارنى يوقىتىش ئۈچۈن باشلانغان كۈرەش ياراتقان توقۇنۇش مۇھىتىدا ھازىرغا قەدەر 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى. بۇ جەرياندا 340 مىڭدىن ئارتۇق مېكسىكالىق ئۆي -ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. تەخمىنەن 40 مىڭ كىشى غايىب بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر