ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش تەدبىرلىرىنى ئويلىشىشنى قارار قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى رۇسىيەگە قارىتا ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تاللاش خاراكتېرلىك قوشۇمچە جازا تەدبىرلىرىنى ئويلىشىشنى قارار قىلدى.

1664483
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش تەدبىرلىرىنى ئويلىشىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ تۇنجى كۈنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياننامەنىڭ رۇسىيەگە مۇناسىۋەتلىك قىسمى ئېلان قىلىندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ ئىجابىي مۇناسىۋەتلەردە بولۇش پوزىتسىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئۈچىنچى دۆلەتلەرگە قارشى ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پوزىتسىيەدە ئۆزگىرىش بولالىشى ئۈچۈن، رۇسىيەنى «مىنىسك كېلىشىمى» گە رىئايە قىلىشقا چاقىردى.

رۇسىيەنىڭ «زىيانلىق، قانۇنسىز ۋە ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان» پائالىيەتلىرىگە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنىڭ ساغلام ۋە ماس قەدەمدە تاقابىل تۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقى ئەسكەرتىلگەن باياننامەدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شېرىكلىرى بىلەن ماس قەدەمدە قول ئىلكىدىكى ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى  تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ مەقسەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلىنى ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تاللاش خاراكتېرلىك قوشۇمچە جازا تەدبىرلىرى ھەققىدە تەكلىپ سۇنۇشقا چاقىرماقتا.»

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ، تۈپ مەنپەئەتلىرى بار بولغان ساھەلەردە رۇسىيە بىلەن «تاللاش خاراكتېرلىك مۇناسىۋەت» ئورنىتىشقا  ئوچۇق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياننامەدە، بولۇپمۇ  كىلىمات ئۆزگىرىشى، مۇھىت ئاسراش، ساغلاملىق ۋە ئىران بىلەن بولغان يادرو كېلىشىمى، سۈرىيە، لىۋىيە قاتارلىق خەلقئارالىق مەسىلىلەردە شەرتلەر ھەم كوزېرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجابىي شەكىلدىكى تاللاش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنىڭ كۆپەيتىلىشى ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىغا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلىگە  چاقىرىق قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى، بۇ دائىرىدە رۇسىيە بىلەن دىيالوگ ئورنىتىشنىڭ شەرتلىرى ۋە شەكىللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى، رۇسىيەدە ئاساسلىق ئەركىنلىكلەرگە چەكلىمە قويۇلۇشى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەت ساھەلىرىنىڭ تارايتىلىشىنى ئەيىبلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر