ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش پىلانىدا ئۆزگىرىش يوق
ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن 2021-يىلى 11-سېنتەبىرگىچە پۈتۈنلەي چېكىنىش پىلانىدا ئۆزگىرىش يوقلۇقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئافغانىستاندىن ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈش مۇساپىسىغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بىز مەزكۇر مۇساپىدە ھەربىي خادىملىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىمىزدىن ۋە ئۈنۈملۈك يوللار بىلەن چېكىنىدىغانلىقىمىزدىن خاتىرجەم ھالدا ئىلگىرىلەۋاتىمىز» دېدى.
ئۇ تالىباننىڭ رايوندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرىدا كۆپ ئېشىش بولغانلىقىنى كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «ئافغانىستاننىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ھالىتى بىزنىڭ تاللىشىمىز ئەمەس ئىدى» دېدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن 25-ئىيۇن (2021) ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئافغانىستاندىن 11-سېنتەبىرغىچە پۈتۈنلەي چېكىنىش پىلانىمىزدا ئۆزگىرىش يوق» دېدى.