مېركېل: تۈركىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى دەرھال باشلىشىمىز كېرەك

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، تۈركىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش كۈنتەرتىپىنى تېزدىن ئىجرا قىلىشقا باشلاش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1663987
مېركېل: تۈركىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى دەرھال باشلىشىمىز كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تۈركىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش كۈنتەرتىپىنى تېزدىن ئىجرا قىلىشقا باشلاش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مېركېل ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى فېدېراتسىيە مەجلىسىدە سۆز قىلىپ، ياۋروپا كېڭىشى ۋە كومىتېتىنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسىدىكى مۇھىم دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش قەدەملىرى ھەققىدە تەكلىپ سۇنۇشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ يەنە باشلىقلار يىغىنىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ تۈركىيە بىلەن  ئورناتقان كۆچمەنلەر ھەمكارلىقىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا كونكرېت تەكلىپ سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، تۈركىيەدە 3 مىليون 700 مىڭ تىزىمغا ئېلىنغان سۈرىيەلىكنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

مېركېل سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئېنىقكى، بىز نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى پەقەت تۈركىيە بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىقلا ھەل قىلالايمىز. مارتتا پۈتۈشكىنىمىزدەك، بىز ياۋروپا ئىتتىپاقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئورتاق مەنپەئەتلەرنى ئاساس قىلغان ھەمكارلىقىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن سۆھبەت كۈنتەرتىپىنى تېزدىن ئىجرا قىلىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر