فىرات قالقىنى رايونىدا سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ تۆت ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى

پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تېررورچىلار بىلەن سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ  تۆت ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى.

1664089
فىرات قالقىنى رايونىدا سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ تۆت ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ ناھىيەسىدىن فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تېررورچىلار بىلەن سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ  تۆت ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تېررورچىلار بۈگۈن سەھەردە ناھىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىنىڭ ئالدىنقى سېپى ھېسابلىنىدىغان ساجۇر دەرياسى بويىدىكى سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى تەۋەلىكىگە سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇندى.

ھەربىي ئۆكتىچى مەنبەلەردىن ئىگىلىنىشىچە، تېررورچىلار بىلەن ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ تۆت ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلغان.

تېررورچىلارنىڭ سوقۇنۇپ كىرىش ئۇرۇنۇشى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان، تۈركىيە ئارمىيەسىمۇ مۇنبىچتىكى تەشكىلاتقا تەۋە ئورونلارنى زەمبىرەكلەرنى ئىشلىتىپ توپقا تۇتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر