شاھىن: بىئونتېك ۋىرۇسنىڭ بارلىق ۋارىيانتلىرىغا تاقابىل تۇرالايدۇ

پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن، ئۆزلىرى تەرەققىي قىلدۇرغان ۋاكسىنىنىڭ كوۋىد – 19 نىڭ ھەر خىل ۋارىيانتلىرىغىمۇ تاقابىل تۇرۇش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1663531
شاھىن: بىئونتېك ۋىرۇسنىڭ بارلىق ۋارىيانتلىرىغا تاقابىل تۇرالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە بىيوتېخنولوگىيە شىركىتى - BioNTech نىڭ قۇرغۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن، ئۆزلىرى تەرەققىي قىلدۇرغان ۋاكسىنىنىڭ كوۋىد – 19 نىڭ ھەر خىل ۋارىيانتلىرىغىمۇ تاقابىل تۇرۇش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شاھىن، شىركەتنىڭ تور مۇھىتىدا چاقىرىلغان يىللىق ئومۇمىي يىغىنىدا BioNTech ۋاكسىنىسىنىڭ ۋىرۇسنىڭ پەرقلىق ۋارىيانتلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈنۈمى توغرىسىدا توختىلىپ: «ۋاكسىنىمىزنى مەۋجۇت ۋارىيانتلارغا ماسلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىگە دائىر ھېچقانداق پاكىت يوق» دېدى.

ئۇ، ئۈچىنچى قۇتا ۋاكسىنا ئەملەش ئېھتىياجى تۇغۇلغان تەقدىردە، ئۇنىڭغا تەييار تۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقلىرىنى، شۇڭا ۋىرۇسنىڭ يېڭى ۋارىيانتلىرىنى ئىزچىل ئانالىز قىلىۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ: #BioNTech

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر