ئافغانىستاندا ئونلارچە تالىبان ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى

ئافغانىستاننىڭ شىمالىدا تالىبانغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا 31 تالىبان ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.

1662701
ئافغانىستاندا ئونلارچە تالىبان ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 209-قارچىغا كورپۇس  قوماندانلىق ئىشتابى، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ بەلخ ۋە مازار شەرىف شەھىرى ئەتراپىدا تالىبانلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، ھەربىي ھەرىكەت نەتىجىسىدە، 31 تالىبان ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، بەلخ ناھىيەسىنىڭ تالىباندىن قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنى، تالىبان ئەزالىرىنىڭ مازار شەرىف ئەتراپىدىنمۇ قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر