پەلەستىنلىكلەر بىلەن يەھۇدىي كۆچمەنلەر ئوتتۇرىسىدا جېدەل - ماجىرا يۈز بەردى

ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسقا جايلاشقان شەيخ جەرراھ مەھەللىسىدە پەلەستىنلىكلەر بىلەن يەھۇدىي كۆچمەنلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن جېدەل - ماجىرا سەۋەبىدىن 7 كىشى يارىلاندى.

1662455
پەلەستىنلىكلەر بىلەن يەھۇدىي كۆچمەنلەر ئوتتۇرىسىدا جېدەل - ماجىرا يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەچ تەرەپلەردە ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسقا جايلاشقان شەيخ جەرراھ مەھەللىسىدە پەلەستىنلىكلەر بىلەن يەھۇدىي كۆچمەنلەر ئوتتۇرىسىدا جېدەل - ماجىرا يۈز بەرگەن.

ئورۇندۇق ۋە تاشلار ئىشلىتىلگەن جېدەل – ماجىرانى رايوندىكى ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئاۋاز ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىلىرى ئارقىلىق بېسىقتۇرۇشقا تىرىشقان.

بەزى پەلەستىنلىكلەرنى كالتەك بىلەن ئۇرغان ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى، ئەتراپتىكى بىر ئۆيگە ئاۋاز بومبىسى ئاتقان.

پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ مۇداخىلىسى جەريانىدا 7 پەلەستىنلىك يارىلانغان، 2 كىشى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر