ئىراندىكى بىر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋاقىتلىق ئىشتىن توختىدى

ئىراننىڭ بۇشەھىر ئىشتاتىغا جايلاشقان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى «جىددىي ھالەت» سەۋەبىدىن ۋاقىتلىق ئىشتىن توختىدى.

1661905
ئىراندىكى بىر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋاقىتلىق ئىشتىن توختىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرى گۇلامالى راھشانىمەھىر دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە، جىددىي ھالەت سەۋەبىدىن بۇشەھىر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ۋاقىتلىق ئىشتىن توختىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ جىددىي ھالەتنىڭ نېمىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى، ئەمما ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مىڭ مېگاۋات تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئېلېكتىرنىڭ توختاپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ كرىپتو پۇل كانچىلىرىنىڭ تېھران ئىستېمال قىلىدىغان ئېلېكتىرنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك تۈگىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆتكەن ھەپتە 3 مىڭدىن ئارتۇق كىرىپتو پۇل قېزىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر