ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسىنى سىناش ئۈچۈن 18 توننىدىن ئارتۇق پارتلاتقۇچ ئىشلەتتى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دېڭىز ئارمىيەسى « USS گېرالد ر. فورد» ناملىق ئاۋىياماتكىسىنىڭ ئۇرۇش شارائىتلىرىغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى سىناش ئۈچۈن 18 مىڭ توننا 143 كىلوگىراملىق پارتلاتقۇچ ئىشلەتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 18 مىڭ توننا 143 كىلوگىراملىق پارتلاتقۇچ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «USS گېرالد ر. فورد» ناملىق ئاۋىياماتكىسىنىڭ ئۇرۇش شارائىتلىرىغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى سىناش مەقسىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان كونتروللارنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دېڭىز ساھىللىرىدا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان «دېڭىز ئارمىيەسى ئۇرۇش تاكتىكىلىرى سىناقلىرى» دائىرىسىدە پارتلىتىلغان.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارقا سەپ تەمىناتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارتلاتقۇچ 3.9 چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەش تەسىرى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، باشقا سىناقلارنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، « USS گېرالد ر. فورد» ناملىق ئاۋىياماتكا، زامانىۋىلاشتۇرۇش، كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە رېمونت قىلىش ئۈچۈن ئۆز بازىسىغا قايتۇرۇلىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

كولومبىيەدىكى قوراللىق ھۇجۇم تۆت كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
كولۇمبىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا تۆت كىشى قازا قىلىپ، ئالتە كىشى يارىلاندى.