ئامېرىكادا 7 مىليون كىشى ئىسسىق بەلۋاغ بورىنىنىڭ خەۋپى ئاستىدا تۇرماقتا

ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىدا ئولتۇرۇشلۇق 7 مىليون كىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان يېڭى بىر ئىسسىق بەلۋاغ بورىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىندى.

1661042
ئامېرىكادا 7 مىليون كىشى ئىسسىق بەلۋاغ بورىنىنىڭ خەۋپى ئاستىدا تۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتلىك بوران-چاپقۇن مەركىزى (NHC) نىڭ ئەڭ يېڭى ئاگاھلاندۇرىشىغا ئاساسلانغاندا، «كلاۋۇدېت» دەپ ئىسىم قويۇلغان قاتتىق بوراننىڭ لۇئىسئانا دېڭىز قىرغىقىدىن ئامېرىكاغا يېتىپ كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

دۆلەتلىك بوران-چاپقۇن مەركىزى (NHC) نىڭ تور بىتىدە، مېكسىكا قولتۇقىدىن كەلگەن قاتتىق يامغۇر ۋە شامالنىڭ ئەتىگەندىن باشلاپ ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا يېتىپ بېرىشقا باشلىغانلىقى، لۇئىسىنادىن فلورىداغىچە بولغان رايونلاردا ئولتۇرۇشلۇق 7 مىليون كىشىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

لۇئىسئانا ۋالىيسى جون بېل ئېدۋاردس تۈنۈگۈنكى باياناتىدا، «ۋالىي مەھكىمىسى ئىچكى بىخەتەرلىك ۋە جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسى (GOHSEP) نىڭ كرىزىس ھەرىكەت گۇرۇپپىسى سەپەرۋەر قىلىندى. يەرلىك شېرىكلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە بىز زۆرۈر بولغان جىددىي ئەھۋاللارغا تەييار ھالەتتە تۇرماقتىمىز» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر