ئامېرىكا: خىتاي ئەڭ مۇھىم تەھدىت نۇقتىسى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى للويد ئاستىن ( Lloyd Austin) يېڭى بىخەتەرلىك ئۇقۇمىدا خىتاينى «ئەڭ مۇھىم تەھدىت نۇقتىسى» دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1660675
ئامېرىكا: خىتاي ئەڭ مۇھىم تەھدىت نۇقتىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاستىن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 2022 – يىللىق خامچوتى ئۈچۈن كېڭەش پالاتاسى پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرى كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، خىتايغا قارىتا تەھدىت ئانالىزلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى سىياسىتى جەھەتتىن خىتاينى «ئەڭ مۇھىم تەھدىت نۇقتىسى» دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى بايان قىلغان ئاستىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجراتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قارمىقىدا «خىتاي ئىشلىرى تەتقىقات گۇرۇپپىسى» تەشكىل قىلغانلىقلىرىنى ئېيتقان ئاستىن،  بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە پىلانلىرىنى تۈزۈپ بولغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭمۇ ئىچكى كۆرسەتمە ئېلان قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مىنىستىرلىقىمىزنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنى، باشقا تەھدىتلەر بىلەن بىرلىكتە خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئۇقۇم ۋە ئىقتىدارلارنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈۋاتىمىز.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن بىرلىكتە تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئاستىن، يېڭى ئىستىراتېگىيەنىڭ نىشانىنىڭ ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق رايون دۆلەتلىرى بىلەن بولغان  مۇناسىۋەتلەرنى جانلاندۇرۇش ۋە يېڭى ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى يارىتىشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر