ئاشقۇن يەھۇدىيلار مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىردى
ئاشقۇن يەھۇدىيلار ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنىڭ كونا شەھەر رايونىغا جايلاشقان مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىردى.
1659946

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇددۇس ئىسلامىي فوندى جەمئىيەتلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 147 ئاشقۇن يەھۇدىينىڭ، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا، مەسجىدى ئەقسانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئەلمەغارىبە (ماراكەش) دەرۋازىسىدىن مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكى، ئاندىن مەسجىدى ئەقسانىڭ قورۇسىدا ئايلانغاندىن كېيىن مەسجىدى ئەقسادىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئاشقۇن يەھۇدىيلارنىڭ ئەتىگەن تەرەپلەردە ۋە چۈشتىن كېيىن مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىش قىلمىشلىرى، رايوندا سۈركىلىشنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولماقتا ئىكەن.