ئافغانىستاندا بىر كۈندە 15 رايوندا توقۇنۇش يۈز بەردى

ئافغانىستاندا بىر كۈندە تالىبان قوراللىق كۈچلىرى بىلەن خەۋپسىزلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا 15 رايوندا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 119 تالىبان ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.

1659712
ئافغانىستاندا بىر كۈندە 15 رايوندا توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېقىنقى 24 سائەتتە بادغىس، لوگار، فارياب، تاھار، دايكۇندى، قەندىھار، قۇندۇز، نانگارھار، ھېرات، ھېلماند، فاراھ، باگلان، ئۇرۇزگان ۋە بەدەخشان ۋىلايەتلىرىنىڭ 15 ئايرىم رايونىدا، تالىبان قوراللىق كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

توقۇنۇشلاردا 119 تالىبان ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 84 تالىبان ئەزاسىنىڭ يارىلانغانلىقى، نۇرغۇن قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورىلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

تالىبان ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يېقىنقى 24 سائەتتە خەۋپسىزلىك قىسىملىرى بىلەن چىققان توقۇنۇشلاردا، 30 دىن ئارتۇق خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئافغانىستاندا ماي ئېيى (2021) نىڭ بېشىدىن تارتىپ چەت ئەل قىسىملىرىنىڭ چېكىنىشىكە باشلىشى بىلەن، توقۇنۇشلار كۆپەيدى.

ئافغانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۆتكەن ھەپتە تالىباننىڭ ماي ئېيىدا 1455 قېتىم ھۇجۇم تەشكىللىگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

تالىبان قوراللىق كۈچلىرى يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە 15 ناھىيەنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالدى.

ب د ت نىڭ مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، تالىبان ئافغانىستان زېمىنىنىڭ %50 دىن %70 گىچە قىسمىنى كونترول قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر