شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا ھەمكارلىق مۇساپىسى باشلىقلار يىغىنى ئانتاليادا باشلاندى

شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا ھەمكارلىق مۇساپىسى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئارقىلىق ئانتاليادا باشلاندى.

1659755
شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا ھەمكارلىق مۇساپىسى باشلىقلار يىغىنى ئانتاليادا باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىل تۈركىيەنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىدە چاقىرىلغان شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا ھەمكارلىق مۇساپىسى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ساھىبخانىلىقىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى بىلەن باشلاندى.

چاۋۇشئوغلۇ تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغان مېھمان مىنىستىرلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەندىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشتى.

شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا ھەمكارلىق مۇساپىسى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى بولسا، چۈشتىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر