نېپالدا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

نېپالدا قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتىدە 7 كىشى قازا قىلدى، كەم دېگەندە 50 كىشى يوقاپ كەتتى.

1659684
نېپالدا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ھىمالايا ۋاقتى› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نېپالنىڭ پايتەختى كاتماندۇدىن 65 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سىندۇپالچوك رايونىدا، قارا يامغۇر ۋە تاغ كۆچكۈنى سەۋەبىدىن سۇ ئاپىتى يۈز بەرگەن.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۇ ئاپىتىدە  7 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، كەم دېگەندە 50 كىشى يوقاپ كەتكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، مېلامچى دەرياسىدىكى كۆۋرۈكلەر ۋەيران بولغان ۋە نۇرغۇن ئۆيلەر زىيانغا ئۇچرىغان سۇ ئاپىتىدىن كېيىن، رايوندا ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر