دۇنيا بويىچە «ئۈچىنچى چوڭ ئالماس» جەنۇبىي ئافرىقا دۆلىتى بوتسۋانادىن تېپىلدى

بوتسۋانا ئالماس شىركىتى دېبسۋانا تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 1-ئىيۇن تېپىلغان 1098 كاراتلىق ئالماسنىڭ «دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى چوڭ قىممەتلىك تاش» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1659925
دۇنيا بويىچە «ئۈچىنچى چوڭ ئالماس» جەنۇبىي ئافرىقا دۆلىتى بوتسۋانادىن تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتتا، تېپىلغان ئالماسنىڭ دۆلەتنىڭ پايتەختى گابورونغا ئېلىپ بېرىلىپ، بوتسۋانا پىرېزىدېنتى موكۋېۋىتسى ئېرىك كېبېتسۋېي ماسسىغا تەقدىم قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بوتسۋانا ئالماس شىركىتى دېبسۋانانىڭ دېرىكتورى لىننېت ئارمستروڭ قېزىۋىلىنغان ئالماسنىڭ بوتسۋاناغا نىسبەتەن تولىمۇ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە: «كۈرەش قىلىۋاتقان مىللىتىمىزگە ئۈمىد بېغىشلايدۇ» دېدى.

دۇنيادى ھازىغا قەدەر بايقالغان ئەڭ چوڭ ئالماس 3106 كاراتلىق كۇللىن ئالماسى بولۇپ، 1905-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدىن تېپىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر