ئىران ئۇران قويۇلدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئىران ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئەلى رەبى يادرو مەركەزلىرىدە %60 لىكتىن 6.5 كىلوگىرام، %20 لىكتىن 108 كىلوگىرام ئۇران قويۇلدۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

1658912
ئىران ئۇران قويۇلدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىرنا (IRNA) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، باياناتچى رەبى 18-ئىيۇن (2021) ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمى يېقىنلىشىۋاتقاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ھەسەن رۇھانىغا قارىتىلغان تەنقىدلەرگە جاۋاب بەردى.

ئۇ ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغانلارنىڭ ئىرانغا قارشى يولغا قويۇلغان ئامېرىكا ئېمبارگولىرىنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقىنى، ئېمبارگوغا قارىماستىن ھەر خىل ساھەلەر بويىچە نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك قەدەملەرنىڭ بېسىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئىدارىسىنىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇش خىزمەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ھازىرغىچە %60 قويۇلدۇرۇلغان ئۇران مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 6.5 كىلوگىرامغا، %20 قويۇلدۇرۇلغان ئۇران مىقدارىنىڭ 108 كىلوگىرامغا يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مەزكۇر ئۇران قويۇلدۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئىران پارلامېنتى بېكىتكەن ۋاقىتتىن ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ كېلەركى ئايلاردا ئېمبارگولارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، خەلقنى جۈمە كۈنى (2021-يىلى 18-ئىيۇن) ئۆتكۈزۈلىدىغان 13-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشىنى چاقىرىق قىلدى.

ئۇ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا نامزات بولغان ئىسلاھاتچى سىياسەتچى مۇھسىن مىھرالىزادەنىڭ سايلامدىن چېكىنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مۇھسىن مىھرالىزادەنىڭ ئىسلاھاتچىلارغا يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان يەنە بىر نامزات ئابدۇناسىر ھىممەتنى قوللاش ئۈچۈن چېكىنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر