ئەرەب ئەللىرى كېڭىشى خەلقئارا جەمئىيەتنى 12 مىسىرلىقنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى توختىتىشقا چاقىردى
ئەرەب ئەللىرى كېڭىشى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 مىسىرلىقنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى توختىتىشقا چاقىردى.
1659324
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سابىق تۇنىس پىرېزىدېنتى مۇنسىف ئەلمەرزۇقى رەھبەرلىكىدىكى ئەرەب خەلقلىرىنىڭ دېموكراتىك سايلام ھوقۇقىنى مۇداپىئە قىلىۋاتقان ئەرەب ئەللىرى كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، كېڭەشنىڭ، مىسىر ئەدلىيەسى تەرىپىدىن مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىرىگە بېرىلگەن «كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قارارلارنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى» قەيت قىلىندى.
باياناتتا، كېڭەشنىڭ، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 مىسىرلىقنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغانلىقى تەكىتلەندى.