ۋىرۇسىنىڭ ئامېرىكاغا 2019-يىلى دېكابىردا يېتىپ كەلگەنلىكىگە دائىر پاكىتلار كۆپەيمەكتە

كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ ئامېرىكاغا 2019-يىلى فېۋرالدا ئەمەس، دېكابىردا يېتىپ كەلگەن بولىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

1659026
ۋىرۇسىنىڭ ئامېرىكاغا 2019-يىلى دېكابىردا يېتىپ كەلگەنلىكىگە دائىر پاكىتلار كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ (CDC) نىڭ ئۆتكەن يىلى  (2020 - يىلى) نىڭ بېشىدا 24 مىڭ ئامېرىكىلىقتىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، 2019 -يىلى دېكابىردا ئامېرىكانىڭ بەزى رايونلىرىدا كوۋىد -19 بىمارلىرىنىڭ كۆرۈلگەن بولىشى مۇمكىنلىكىگە دائىر ئىشەنچ ئاشقان.

كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ (CDC) نىڭ ئەمەلدارى ناتالە تورنبۇرگ، «تەتقىقاتلار خېلىلا تۇراقلىق، بەلكىم بۇ يەردە بىز بىلىشتىن خېلىلا ئىلگىرى ناھايىتى ئاز بولسىمۇ كوۋىد -19 بىمارلىرى كۆرۈلگەن بولىشى، لېكىن فېۋرالنىڭ ئاخىرىلىرىدا تارقىلىشقا باشلىغان بولىشى مۇمكىن» دېدى.

كوۋىد -19 ئەسلىدە 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، شۇ يىلى 15-يانۋاردا ۋۇخەندىن كەلگەن ۋە 19-يانۋاردا ۋاشىنگتون ئىشتاتىدىكى كىلىنىكادا بالنېستقا ئېلىنغان بىر ئامېرىكىلىقتا كۆرۈلگەن ئىدى.

بۇ يۇقۇملىنىش ئامېرىكادا كۆرۈلگەن تۇنجى يۇقۇملىنىش دېلوسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان ئىدى.

2020-يىلى دېكابىردا ئېلان قىلىنغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ (CDC) باشچىلىقىدىكى تەتقىقاتتا بولسا، ئامېرىكا قىزىل كرېست جەمئىيىتىگە ئىئانە قىلىنغان 7000 قان ئەۋرىشكىسىنى ئانالىز قىلغانلىقىلىرى، ۋىرۇسنىڭ  ئامېرىكاغا  2019-يىلى دېكابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يېتىپ كەلگەن بولىشى ۋە بەزى ئامېرىكالىقلارنىڭ يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىر قىسىم ئالامەتلەرنى بايقىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر