كىم جوڭئۇن يېمەكلىك قەھەتچىلىكى يۈز بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن دۆلەتنىڭ يېمەكلىك ئەھۋالىنىڭ «كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان دەرىجىدە ئىكەنلىكى» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

1659110
كىم جوڭئۇن يېمەكلىك قەھەتچىلىكى يۈز بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە رەسمىي ئاگېنتلىقى «KCNA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىشچىلار پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ تۈنۈگۈنكى ئومۇمىي يىغىنىدا كىم جوڭئۇن سۆز قىلىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتكە قانداق تاقابىل تۇرىشى كېرەكلىكى ھەققىدە خەلقئارا جامائەتچىلىككە مۇزاكىرە چاقىرىقى ئېلان قىلغان.

كىم جوڭئۇن چاقىرىقىدا، ئامېرىكا ۋە جەنۇبتىكى قوشنىسىنى ئوچۇق تىلغا ئالمىغان.

كىم جوڭئۇن كوۋىد-19 يۇقۇمى دائىرىسىدە يولغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ ۋە 2020-يىلى بويىچە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپەتلىرىنىڭ ئىقتىسادقا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، يېمەكلىك قەھەتچىلىكى يۈز بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

كىم جوڭئۇن دۆلەتنىڭ يېمەكلىك ۋەزىيىتىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە دائىرىلەرنى تەدبىر قوللىنىپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاشۇرۇشقا چاقىردى.

كىم جوڭئۇن بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا قارىماي، تەدبىر خاراكتېرلىق چەكلمىلەرنى داۋاملىق يولغا قويۇدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر