ھەممەيلەننىڭ دىققىتى بۈگۈن بايدىن بىلەن پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشىغا مەركەزلەشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بۈگۈن شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە كۆرۈشىدۇ.

1659145
ھەممەيلەننىڭ دىققىتى بۈگۈن بايدىن بىلەن پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشىغا مەركەزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باشلىقلار يىغىنى 1985-يىلىدىن بۇيان جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئامېرىكا-رۇسىيە باشلىقلار ئۇچرىشىشى بولىدۇ.

جەنۋەدە 1985-يىلى نويابىردا ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى رونالد رېگان بىلەن سابىق سوۋېت (سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر) ئىتتىپاقى رەئىسى مىخايىل گورباچېۋ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئارىدىن 36 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا-رۇسىيە  ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش زور ھاياجان ياراتتى.

باشلىقلار يىغىنى سەۋەبىدىن شەھەردە خەلق تۇرمۇشى ئاساسەن توختاپ قالغاندەك ئەھۋال شەكىللەندى.

باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان رايون ۋە ئامېرىكا - رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان مېھمانخانىلارغا تۇتىشىدىغان يوللاردا قاتناش توختىتىلدى.

باشلىقلار يىغىنىغا ئالاقىدار رەسمىي پىروگرامما ئېلان قىلىنمىدى. ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشى ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 14:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 17:00 ئەتراپىدا باشلىنىپ، تەخمىنەن 4 سائەت داۋاملىشىدۇ.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن، پۇتىننىڭ ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 18:30 دە، بايدىننىڭ تۈركىيە ۋاقتى سائەت 20:00 دە ئايرىم- ئايرىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىشى كۈتۈلمەكتە.


خەتكۈچ: #پۇتىن , #بايدىن

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر