فارياب ۋىلايىتىنىڭ دۆلەتئاباد ناھىيەسى تالىباندىن قايتۇرۇۋېلىندى

ئافغانىستاندا 8-ئىيۇن (2021) تالىبان قولغا كىرگۈزۈۋالغان شىمالدىكى فارياب ۋىلايىتىنىڭ دۆلەتئاباد ناھىيەسىنى ھۆكۈمەت قىسىملىرى قايتۇرۇۋالدى.

1659307
فارياب ۋىلايىتىنىڭ دۆلەتئاباد ناھىيەسى تالىباندىن قايتۇرۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فارياب ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى كەرىم يۇرىش ئافغانىستان قىسىملىرىنىڭ دۆلەتئاباد ناھىيەسىنى تالىباندىن قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت باشلانغانلىقىنى ۋە ناھىيەنىڭ تالىباندىن قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نۇرغۇن تالىبان ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تالىبان قوراللىقلىرى بىلەن ناھىيە مەركىزىدىن يىراق بولغان جايلاردا توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

تالىبان ھازىرچە مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلمىدى.

تالىبان بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى سارىپۇل ۋىلايىتىنىڭ سايياد ناھىيەسىنىڭ كونتروللۇقىنى تارتىۋالغان ئىدى. يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە، دۆلەت مىقياسىدا تالىباننىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن ناھىيە سانى 15 كە چىقتى.

ب د ت نىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تالىبان شەھەر مەركەزلىرىنى چىقىرىۋەتكەندىمۇ دۆلەت زېمىنىنىڭ %50 نى، ھەتتا %70 نى كونترول قىلماقتا ئىكەن.

تالىبان ئافغانىستاندا 407 ناھىيەدىن 90 ناھىيەنىڭ مەركەزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا قولغا كىرگۈزگەن ئەھۋالدا تۇرماقتا. 34 ۋىلايەت مەركەزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىدا.

ئافغانىستان زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمىدا دۆلەت قىسىملىرى بىلەن تالىبان قوراللىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشلەر داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، 407 ناھىيەنىڭ تەخمىنەن 250 دە توقۇنۇشلار داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر