ئىراق قوشنا دۆلەتلەرنى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇئاد ھۇسەيىن، ئىراققا قوشنا دۆلەتلەرنى رايوننىڭ بارلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باغداتتا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

1658322
ئىراق قوشنا دۆلەتلەرنى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا،  فۇئاد ھۇسەيىن قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭەش يىغىنى جەريانىدا مىسىرلىق مەنسەپدىشى سەمىھ شۇكرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىراقنىڭ بۇ رايوندىكى رولىنىڭ كۈچىگە ئىشىنىدىغان مىسىر بىلەن بولغان كېڭىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ھۇسەيىن، رايوننىڭ ساقلىنىۋاتقان بارلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش يولىدىكى قاراشلارنى ئۆزئارا يېقىنلاشتۇرۇش ۋە سۆھبەت مېخانىزمىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن باغدادتا ئىراققا قوشنا دۆلەتلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان بىر سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش چاقىرىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ سۆھبەت رامكىسى ئىچىدە كىرىزىسلەر ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، مۇقىم ۋە بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھۇسەيىن، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەسىلىلەرنى ئۇلغايتىش رايونغا پايدىلىق ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر