خىتاينىڭ ھەۋەسلىرى ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىقى ناتونى ئەندىشىگە سالماقتا

خىتاينىڭ ھەۋەسلىرى، كەسكىن پوزىتسىيەلىرى ۋە  ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىقى شۇنداقلا مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك سىياسەتلىرى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا.

1658602
خىتاينىڭ ھەۋەسلىرى ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىقى ناتونى ئەندىشىگە سالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) نىڭ «بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق تۈزۈمگە سىستېمىلىق قىيىنچىلىقلار ياراتتى» دېگەن تەنقىدلىرىگە  قارىتا «ئاتالمىش ​​خىتاي تەھدىتىنى مۇبالىغە قىلماسلىق» قا چاقىردى.

خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆمىكى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈنۈگۈن (2021-يىلى 14-ئىيۇن) بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا، خىتاينىڭ تىنچ تەرەققىياتىنىڭ ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

باياناتتا، خىتاينىڭ خەلقئارالىق تۈزۈمگە سىستېمىلىق قىيىنچىلىق يارىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ناتونىڭ تەنقىدلىرىگە قارىتا، «سوغۇق ئۇرۇش ئېڭى ۋە بلوكلىشىش سىياسىتىنىڭ داۋامى» دەپ باھا بېرىلدى.

خىتاينىڭ مۇداپىئە سىياسىتىنىڭ تەبىئىتى نۇقتىسىدىن مۇداپىئە خاراكتېرلىك ئىكەنلىكى، ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ بولسا، «مۇۋاپىق ۋە ئوچۇق - ئاشكارا» ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، ناتونىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، خىتاينىڭ ھېچكىمگە سىستېمىلىق قىيىنچىلىق ياراتمىغانلىقى، ئەمما خىتايغا يېقىنلاپ كېلىۋاتقان سىستېمىلىق قىيىنچىلىقلارغىمۇ قاراپ  ئۆلتۇرمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، ناتونىڭ ئېنېرگىيەسىنى دىيالوگ ۋە ھەمكارلىققا، خەلقئارانىڭ ۋە رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە شۇنداقلا مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە سەرپ قىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.

تۈنۈگۈن بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «خىتاينىڭ ھەۋەسلىرى ۋە كەسكىن پوزىتسىيەلىرى»نىڭ خەلقئارالىق تۈزۈم ۋە ناتونىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرگە سىستېمىلىق قىيىنچىلىق پەيدا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

خىتاينىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك سىياسەتلىرىنىڭ ئەندىشە يارىتىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن باياناتتا، خىتاينىڭ يادرو قورال ئامبىرىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «خىتاينىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولمىغانلىقىدىن ۋە تەتۈر تەشۋىقاتلىرىدىن ئەندىشە قىلماقتىمىز. خىتاينى خەلقئاراغا بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا، چوڭ كۈچ بولۇش رولىغا مۇناسىپ ھالدا، ئالەم بوشلۇقى، تور ساھەسى ۋە دېڭىز قاتارلىق خەلقئارالىق تۈزۈمدىكى مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئورۇنداشقا چاقىرىمىز» دېيىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر