كىملىكى ئىنىقسىز ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلدى

سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى دەيرەززور ۋىلايىتىدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى سېپىدە ئورۇن ئالغان ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش قىسىملىرى بازىسىغا كىمگە تەۋە ئىكەنلىكى نامەلۇم ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىندى. ھۇجۇمدا ئۈچ كىشى قازا قىلدى.

1658345
كىملىكى ئىنىقسىز ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رايوندىكى مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاسالانغاندا، تۈنۈگۈن ئىراق چېگراسىدىكى دەيرەززورنىڭ ئەلبۇكەمال ناھىيەسىدە ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش قىسىملىرىغا تەۋە ئىمام ئەلى بازىسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىنغان.

كىمگە تەۋە ئىكەنلىكى نامەلۇم ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا، ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش قىسىملىرىدىن 3 كىشى قازا قىلغان ۋە 4 كىشى يارىلانغان.

ئىران بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

مەزكۇر ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنىمۇ ھازىرغىچە  ھېچكىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر