جونسون: ھېچكىم خىتاي بىلەن سوغۇق ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدۇ

ئەنگلىيە بەش ۋەزىرى بورىس جونسون ناتو توغرىسىدا توختىلىپ: «بۈگۈن ئۈستەل ئەتراپىدىكىلەردىكى ھېچكىم خىتاي ىلەن يېڭى سوغۇق ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدۇ، دەپ ئويلايمەن» دېدى.

1658137
جونسون: ھېچكىم خىتاي بىلەن سوغۇق ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە بەش ۋەزىرى بورىس جونسون ناتو توغرىسىدا توختىلىپ: «بۈگۈن ئۈستەل ئەتراپىدىكىلەردىكى ھېچكىم خىتاي ىلەن يېڭى سوغۇق ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدۇ، دەپ ئويلايمەن» دېدى.

بورىس جونسون ناتو ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى دائىرىسىدە يېتىپ بارغان بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ناتو ئۈچۈن «يېڭى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە» گە ئايلانغانلىقىنى، ئەمما ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، ئىشتىراك ئۈچۈن پۇرسەتلەر بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ، مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى، بىراق ھازىرغىچە ئەنگلىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ئېغىر ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر