سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششابابغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششابابغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە، كەم دېگەندە 50 قوراللىق ئۇنسۇر ئۇجۇقتۇرۇلدى.

1657616
سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششابابغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى ئارمىيەسى 11-ئىيۇندىن بۇيان ھىيران رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششابابغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھەرىكەتتە كەم دېگەندە 50 قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى ۋە تەشكىلات ئىشلەتكەن ئولتۇراق رايونلارنىڭمۇ بىتچىت قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئەششاباب دائىم دېگۈدەك رايوندا بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا ۋە پۇقرالار ئولتۇراق رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

سومالىدا بىر تەرەپتىن كېچىكتۈرۈلگەن سايلامغا تەييارلىق داۋاملىشىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئارمىيەنىڭ ئەلشابابقا قارشى ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا.

ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەردە، كەم دېگەندە 6 يېزىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششابابتىن تازىلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر