ستولتېنبېرگ ناتونىڭ خىتايغا قارشى ھەمكارلىشىش جەھەتتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن، يىغىن خىتابنامىسى ئېلان قىلىندى. ستولتېنبېرگ يىغىندىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

1657949
ستولتېنبېرگ ناتونىڭ خىتايغا قارشى ھەمكارلىشىش جەھەتتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان خىتابنامىدە: «سۈرىيەدىن تۈركىيەگە يېتىپ كېلەلەيدىغان ياكى تەھدىت شەكىللەندۈرەلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىغا قارشى ھوشىيارلىقىمىزنى داۋاملىق ئۆستۈرىمىز. ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەگە مىليونلارچە سۈرىيەلىككە ساھىبخانلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەقدىرلەيدىغانلىقىمىزنى تەكرارلايمىز» دېيىلدى.

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ يىغىندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يغىنىدا: «بۈگۈن ئىتتىپاقداشلىقىمىزدا يېڭى سەھىپە ئاچتۇق. خەۋپسىزلىكىمىز ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ، كەڭ دائىرىلىك قارارلارنى چىقاردۇق. ناتو رەھبەرلىرى ئافغانىستان قىسىملىرى بىلەن ئىدارە-ئورگانلىرىغا تەلىم-تەربىيە بېرىپ ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئافغانىستاننى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى» دېدى.

ئۇ خىتاي مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا: «خىتاي ناھايىتى تېز سۈرئەتتە يادرو قوراللىنىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. ئىتتىپاقداشلار خىتايغا قارشى ئاۋستىرالىيە ۋە ياپونىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش جەھەتتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى» دېدى.

ئۇ رۇسىيە توغرىسىدا: «رۇسىيە بىلەن ئىختىلاپ قىلىشىن ياكى ئوتتۇرىدا ئۇقۇشماسلىق بولۇشنى خالىمايمىز. ئەمما، مۇداپىئە ۋە ھەربىي ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىدىغان قەدەملەرنى تاشلايمىز» دېدى.

ئۇ ناتونىڭ ياۋروپادا قۇرۇقلۇقتىن قۇرۇقلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى، بىراق رۇسىيەنىڭ زورىيىۋاتقان قوراللىنىشىغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ناتونىڭ ئۇكرائىنا ۋە گىرۇزىيە قىسىملىرىغا تەلىم-تەربىيە بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ناتو ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللايدۇ. ناتو ئۇكرائىنا بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە. ھەر دۆلەت ئۆزىنىڭ يولىنى بەلگىلەيدۇ، ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا رۇسىيە بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر