باغدادتا شىئەلەر ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مەقبەرىسىنى چېقىپ تاشلاش چاقىرىقى ئېلان قىلدى

ئىراق دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى قاسىم ئاراچى پايتەخت باغدادتىكى ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە ئەن-نۇمان مەقبەرىسىنى چېقىپ تاشلاش چاقىرىقىنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1657437
باغدادتا شىئەلەر ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مەقبەرىسىنى چېقىپ تاشلاش چاقىرىقى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى قاسىم ئاراچى ئىمام ئەزەم كۈللىيەسىدىكى مەقبەرىسىنى چېقىپ تاشلاش چاقىرىقلىرىغا قارىتا، باغدادتا دۆلەتلىك ئىستىخبارات ماسلاشتۇرۇش كېڭىشىنىڭ ئەزالىرىنىڭ يىغىن چاقىرغانلىقىنى ۋە يىغىندا، «جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان مەزھەپپەرەست چاقىرىقلارنى (يەنى ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە ئەن-نۇماننىڭ مەقبەرىسىنى چېقىپ تاشلاش چاقىرىقلىرىنى) رەت قىلىمىز. بىخەتەرلىك قىسىملىرىمىز بۇ خىل چاقىرىقلارغا ئەڭ كۈچلۈك قارشى تۇرىدۇ» دېيىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

قاسىم ئاراچى يەنە، ئىراقتىكى شىئەلەرنىڭ ئەڭ چوڭ دىنىي ئالىمى ئايەتۇللاھ ئەلى ئەس-سىستانى بىلەن جەمئىيەتنىڭ  ئالدىنقى قاتاردىكى جامائەت ئەربابلىرى ۋە ھەر قايسى ئىراقلىق قەبىلىلەرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكىگە  زىيان يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان بۇ خىل چاقىرىقلارغا قارشى «ئالدىنى ئېلىش رولى» ئوينىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

باغدادتا رادىكال شىئە  گۇرۇپپىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى دائىرىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق پايتەختنىڭ ئازامىيە رايونىغا جايلاشقان ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە ئەن-نۇمان مەقبەرىسىنى چېقىپ تاشلاش چاقىرىقى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇنىڭغان قارىتا،  ئىمامى ئەزەم كۈللىيەسى ئەتراپىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلگەن ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى قاسىم ئاراچى ھەمراقلىقىدىكى ھەربىي قوماندانلىرى بىلەن ئازامىيە رايونىنى زىيارەت قىلىپ، تەكشۈرۈشلەردە بولغان ئىدى.

باغدادتا بىر قانچە كۈن ئىلگىرىمۇ بىر گۇرۇپپا (شىئەلەر) «پايتەختنىڭ قۇرغۇچىسى» دەپ بىلىنىدىغان ئابباسى دەۋرىنىڭ خەلىپىسى خەلىپە ئەبۇ جافەر ئەل مەنسۇرنىڭ ھەيكىلىنى چېقىپ تاشلاش چاقىرىقى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر