خىتايدىكى پارتلاشتا 11 كىشى ئۆلۈپ، 37 كىشى ئېغىر، جەمئىي 144 كىشى يارىدار بولدى

قازا قىلغانلار سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

1657079
خىتايدىكى پارتلاشتا 11 كىشى ئۆلۈپ، 37 كىشى ئېغىر، جەمئىي 144 كىشى يارىدار بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدە تەبىئىي گاز لىنىيىسىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا كەم دېگەندە 11 كىشى قازا قىلدى.

خىتاينىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 06:30 دا، خۇبېيغا قاراشلىق شىئەن شەھىرىدىكى بىر ئولتۇراق رايوندا تەبىئىي گاز لىنىيەسىدە پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

پارتلاشتا ئاز دېگەندە 11 كىشى ئۆلۈپ، 37 كىشىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

سەھىيە گۇرۇپپىلىرى پارتلاشتا ئېغىر يارىلانغان  37 كىشى بىلەن بىرگە پارتلاشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 144 كىشىنىڭ بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى ھەمبەھىرلىدى.

ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى نەق مەيداندىكى خىزمەتلىرىنى باشلىدى ۋە قازا قىلغانلار سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

پارتىلاشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تېخىچە ھېچقانداق  رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر