جو بايدىن خىتاي ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مۇقىملىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلەشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن G7 رەھبەرلىرى يىغىنى دائىرىسىدە ئەنگىلىيەدە باش ۋەزىربورىس جونسون، ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىيو دىراگى ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى يوشىھىدە سۇگا بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

1656926
جو بايدىن خىتاي ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مۇقىملىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلەشتى
g7 liderleri ingiltere.jpg
aa g7.jpg
g7.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي تەرىپىداىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بايدىننىڭ ئىتالىيە باش مىنىستىرى دىراگى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئىككى رەھبەر ئۇچرىشىشتا يەنە، ۋۇخگن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى كۈرەشتە يېقىندىن ھەمكارلىشىشقا ۋەدىلەشتى.

جو بايدىن ئىتالىيەنىڭ ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوللىغانلىقىنى مەدھىيەلىگەندىن باشقا يەنە، خىتاي، رۇسىيە ۋە لىۋىيە قاتارلىق تاشقى سىياسەت مەسىلىلىرىدىمۇ دىراگى بىلەن ھەمكارلىشىشقا كېلىشتى.

بايدىن ياپونىيە باش ۋەزىرى يوشىھىدە سۇگا بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشدىمۇ ۋۇخگن ۋىرۇسى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، شىمالىي كورېيە، خىتاي ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مۇقىملىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

بايدىن ياپونىيەدە 23-ئىيۇلدىكى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاممىۋى ساغلاملىق تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان شەكىلدە ئۆتكۈزۈلۈشىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى يەنە، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ۋە ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسون بىلەن ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئەنگىلىيە باش مىنىستىرلىقى 10-نومۇرلۇق ئىشخانىسىنىڭ يازما باياناتىدا، ئۈچ تەرەپ سۆھبىتىدە، ھىندى ئوكيان ۋە تېنچ ئوكيان رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، رەھبەرلەرنىڭ ھىندى ئوكيان ۋە تېنچ ئوكياندىكى ئىستراتېگىيەلىك باغلىنىشنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقى، شۇڭا ئۈچ ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ئاساس بارلىقىغا دائىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

جونسون باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا فوندېر لېيېن بىلەن شىمالىي ئىرېلاندىيە كېلىشىمنامىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى توغرىسىدىكى چۈشىنلمەسلىكلەرنىمۇ مۇزاكىرىلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر