گ 7 رەھبەرلىرى، خىتاينىڭ بىر بەلباغ، بىر يول لايىھەسىگە قارشى يېڭى لايىھە كېلىشىمى ئىمزالىدى
خىتايغا رەقىپ بولۇشنى خالايدىغان G7 رەھبەرلىرى تېخىمۇ ياخشى ئۇل - ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەتلەرنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەشكە دائىر مەبلەغ سېلىش پىلانىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: G7 دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بېيجىڭنىڭ بىر بەلباغ، بىر يول لايىھەسىگە رەقىپ بولىدىغان شەكىلدە ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۇل- ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە، مەبلەغ سېلىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، مەبلەغ سېلىش پىلانى توغرىسىدا G7 رەھبەرلىرىنىڭ «قىممەت قاراشقا مەركەزلەشكەن، يۇقىرى ئۆلچەملىك ۋە ئوچۇق - ئاشكارا» ھەمكارلىق تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى پىلانلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي بولۇپمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىدە، چوڭ تىپتىكى ئۇل- ئەسلىھە لايىھەلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى باشلىغان ۋە بۇ دۆلەتلەرنىڭ قەرزىنى زورايتىش ئارقىلىق تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.