يەمەندە ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

يەمەندە ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىيلارنىڭ مەغرىب شەھىرىگە 2 باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 2 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن قىلغان ھۇجۇمىدا 8 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 27 كىشى يارىلاندى.

1655989
يەمەندە ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەغرىب ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىيلار مەغرىب شەھىرىگە 2 باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 2 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغان، ھۇسىيلار ئاتقان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن بىرى، جامائەت ناماز ئوقۇۋاتقاندا جامەگە چۈشكەن، ھۇجۇم نەتىجىسىدە 8 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 27 كىشى يارىلانغان.

ھۇسىيلار، 5 – ئىيۇن كۈنىمۇ مەغرىب شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغانىدى.

بىر ماي قاچىلاش پونكىتى نىشان قىلىنغان ھۇجۇمدا، 2 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر