ئامېرىكانىڭ تۇنجى مۇسۇلمان سوتچىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى، زاھىد قۇرەيشىنىڭ نىيۇ  جېرسېي ئىشتاتى ئۈچۈن رايون سوتچىسى بولۇشىنى تەستىقلاپ، تۇنجى قېتىم ئاساسىي قانۇننىڭ 3 – ماددىسىغا ئاساسەن ئۆزىگە خاس ھەق – ھوقۇقلارغا ئىگە بىر مۇسۇلمان فېدېراتسىيە سوتچىسىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.

1655924
ئامېرىكانىڭ تۇنجى مۇسۇلمان سوتچىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن تەرىپىدىن نامزات كۆرسىتىلىپ، تۇنجى مۇسۇلمان رايون سوتچىسى بولۇش يولى ئېچىلغان قۇرەيشى، نىيۇ جېرسېي ئىشتاتىدا ئامانلىق سودىيەسى سۈپىتىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتەك تەجرىبىلەرگە ئىگە.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدا بىر مەزگىل باش مەسلىھەتچى ياردەمچىسى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇسۇلمان سوتچى، 2004 – 2006 – يىللىرى ھەربىي تەپتىش سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان  ئامېرىكا ئارمىيەسىدە يۈزبېشى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر