تۇنجى ئېلېكترونلۇق ئۇچار تاكسى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان تۇنجى ئېلېكترونلۇق ئۇچار تاكسى «Maker» تونۇشتۇرۇلدى.

1656207
تۇنجى ئېلېكترونلۇق ئۇچار تاكسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تونۇشتۇرۇش جەريانىدا تۇنجى ئېلېكترونلۇق ئۇچار تاكسىنىڭ تەقلىدىي كۆرۈنۈشلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىككى كىشىلىك ئېلېكترونلۇق ئۇچار تاكسى سائىتىگە 240 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە ئۇچالايدىكەن.

ئېلېكترونلۇق ئۇچار تاكسى «Maker»  دىن مەقسەت، يوللاردا ئاپتوموبىل كۆپ ۋاقىتتا بىر سائەتلىك مۇساپىنى 5 مىنۇتقا قىسقارتىش ئىكەن.

30 كىلومېتىرلىق مۇساپىنىڭ باھاسى 70 دوللار بولىدىكەن.

تېخى سىناق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ئۇچار تاكسى ئۈچۈن،  2024-يىلغىچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىدىن ئىجازەتنامە ئېلىنىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر